فىلىپپىندە 277 خىتاي نازارەتكە ئېلىندى

فىلىپپىننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلغانلىقى ئېنىقلانغان 277 خىتاي پۇقراسىنى نازارەتكە ئالدى.

1268982
فىلىپپىندە 277 خىتاي نازارەتكە ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن كۆچمەنلىك كومىتېتى باشلىقى جايمە مورېنتە چارشەنبە كۈنى پاسىگ شەھىرىدىكى ئورتىگاس ئىقتىسادىي رايونىدا ئېلىپ بارغان تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ مانىلادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي دائىرلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتاي دائىرىلىرى نازارەتكە ئېلىنغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئىزدەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە پاسپورتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر