ئىتالىيە باش مىنىستىرى ياناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلمىغان ئەزا دۆلەتلەرنى جازالاشنى تەكلىپ قىلدى

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گۇسېپ كونت قانۇنسىز ھالدا ئىتالىيەگە كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ تارقىتىلىشى مەسلىسىدە ياردەمچى بولۇشنى رەت قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي جازا بېرىشنى تەكلىپ قىلدى.

1268351
ئىتالىيە باش مىنىستىرى ياناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلمىغان ئەزا دۆلەتلەرنى جازالاشنى تەكلىپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىرى كونت بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتتا ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىىشش باسقۇچىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت مەزگىلىنىڭ تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسېلدا ئىشقا ئاشۇردى.

كونت بىريۇسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە تەييارلانغان مەۋجۇت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

كونت نۆۋەتتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى دونالد تۈسك بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئىتالىيە ئاخباراتلىرىغا بايانات بېرىپ، ئىتالىيەنىڭ بېشىنى ئارغىتىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەقىقدە يېڭى تەكلىپنى سۇندى.

قانۇنسىز كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا بۆلۈشۈشكە قېتىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋاقىتلىق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ ھەقتە بىز كېلشىم تۈزۈلۈش ئېھتىمالى بار دەپ قارايمىز. ئىتالىيەگە ئامانەت قىلىنغان بۇ جىددىي ۋەزىيەتنى ئىدارە قىلىش مەسلىسىدىن بالدۇرراق قۇتۇلىشىمىز لازىم. ئىتالىيەدە ۋاقىتلىق بولغان ئەھۋالدىمۇ بىر ئورتاقلىشىش مېخانىزمى بولۇشىنى خالايمەن. كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى ئارىسىدا تارقىتىلىشىغا قېتىلمىغان دۆلەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەدەل تۆلىشى لازىم» دېدى.

كونت ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدا، خامچوت قانۇنىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئېغىرلىق بەرگەن ئاساستا رەتكە سېلىنىشى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە ئالاقىدار شۇنداقلا ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ رىئايە قىلىشى شەرت بولغان دوبلىن ئەھدىنامىسىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەلىپىنى سۇندى. 

باش مىنىستىر كونت «ئىتالىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قايتىپ كېلىش مەسلىىسنىڭمۇ قايدىتىدىن رەتكە سېلىنىشى كېرەكلىكىنى  تەكىتلەپ، لېكىن بۇنىڭدىنمۇ مەمنۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر