ئىسرائىلىيە غەززەدە ھاماس نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدا ھاماسقا ئائىت ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلدى.

ئىسرائىلىيە غەززەدە ھاماس نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، غەززەدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە راكېتامىيوتلارنىڭ ئېتىلىشىدىن كېيىن، بۇنىڭغا جاۋاب تەرىقىسىدە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدا ھاماسقا ئائىت بەزى ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغان.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا زىيان يەتكۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئىلگىرى غەززەدىن راكېتامىيوتلار ئېتىلىشى سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر