ترامپنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونى يەڭگىللىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، فىرانسىيەنىڭ ئىران توغرىسىدىكى تەۋسىيەسىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ترامپنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونى يەڭگىللىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، فىرانسىيەنىڭ ئىراننى يادرو كېلىشىمىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سۇنغان <ياۋروپانىڭ تېھرانغا> قەرز بېرىشى توغرىسىدىكى تەۋسىيەسىگە ئىجابىي قارىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدا تارقىتىش بېرىدىغان «Daily Beast» خەۋەرلەر تورىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان تۆت كىشىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشكەندە، ياۋروپانىڭ يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىرانغا سۇنغان 15 مىليارد دوللارلىق قەرز ياكى نېفىت ئېمبارگولىرىنىڭ يەڭگىللىتىلىشى تەكلىپىنى رەت قىلمىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ماكروننىڭ تەكلىپىگە ئىجابىي قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر مەنبەلەر، ترامپنىڭ، ئېمبارگولار تۈپەيلى ئىران ساتالمىغان نېفىتنىڭ ئورنىغا ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تېھرانغا 15 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ تۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ياكى ئېمبارگولارنى يەڭگىللىتىشكە قارار قىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ترامپ دائىرىلىرى، 2018 – يىلى 8 – مايدا، 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالاش مەقسىتىدە چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئارقىدىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تېھراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىشى بىلەن ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشنى پۈتۈنلەي توختاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر