ترامپنىڭ مۇساپىرلار توغرىسىدىكى تەلىپى ئامېرىكا يۇقىرى سوتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

ئامېرىكا يۇقىرى سوتى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوتتۇرا ئامېرىكىلىق مۇساپىرلار سانىغا چەكلىمە قويۇش تەلىپىنى ماقۇللىدى.

ترامپنىڭ مۇساپىرلار توغرىسىدىكى تەلىپى ئامېرىكا يۇقىرى سوتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا يۇقىرى سوتىنىڭ قارارى ھوندۇراس، گۇاتېمالا ۋە ئېل سالۋادور قاتارلىق دۆلەتلەردىن مۇساپىر قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ترامپقا نىسبەتەن بىر غەلىبە دەپ قارالدى.

قاراردا، ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان، ئەمما ئىككىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېلىپ پاناھلىنىش ئىلتىماسى سۇنغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسلىرىنىڭمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دونالد ترامپ، مەھكىمىنىڭ قارارىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، بۇنىڭ كاتتا غەلىبە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى يازدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە ئامېرىكا قىلىنىۋاتقان پاناھلىنىش ۋە كۆچمەنلىك ئىلتىماسلىرىغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە خاتىمە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ترامپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى مېكسىكا چېگراسىدا ساقلىتىپ قويۇشنى قارار قىلغانىدى.

بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىكەنلىكى بەس – مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا يۇقىرى سوتى، ترامپنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسى سۇنغان كۆچمەنلەرنى مېكسىكا چېگراسىدا توسۇپ تۇرۇشىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

مەھكىمىنىڭ يېڭى قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەزكۇر دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر ۋە پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىدە ئالاھىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر