شىمالىي كورېيە خىتاي باش مىنىستىرىنى زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى

شىمالىي كورېيە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنى پىيوڭياڭدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

شىمالىي كورېيە خىتاي باش مىنىستىرىنى زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ «‹كيودو› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەرگە ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرگە ئاساسلانغاندا، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنى شىمالىي كورېيەدە   دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2013 – يىلدىن بۇيان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان لى كېچياڭ ھازىرغىچە شىمالىي كورېيەدە ھېچ زىيارەت بولمىغان ئىكەن. زىيارەت ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، لى كېچياڭ  2009 – يىلدىن بۇيان  شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولغان تۇنجى خىتاي باش مىنىستىرى بولۇپ قالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر