رۇھانى: ئېمبارگو داۋاملىشىدىغانلا بولسا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولسا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

رۇھانى: ئېمبارگو داۋاملىشىدىغانلا بولسا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەسەن رۇھانى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ تېلېفون كۆرۈشۈپ، يادرو كېلىشىمى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، «ئىران ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى ۋە خەلقىنىڭ قارىشىچە، ئېمبارگولار داۋاملىشىدىغانلا بولسا، ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوقتۇر» دېدى.

ئىران تاشلىغان ئۈچىنچى قەدەمنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن قايتىشنىڭ ھەردائىم مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ھاسىل قىلالىساق، يادرو كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن ۋەدىلىرىمىزگە قايتىمىز. ئىران ۋە 5+1 دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يىغىنمۇ پەقەت ئېمبارگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىلا ئېچىلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ماكرونمۇ رۇھانىغا يېڭىدىن كېلىشىم تۈزۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزۈپ، فىرانسىيە يادرو كېلىشىمىنىڭ تەتبىقلىنىشى ۋە يارىشىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرىستىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماكرون يەنە، كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تاشلايدىغان قەدەملىرى ۋە تەييارلىغان پىلان – لايىھەلىرى توغرىسىدا رۇھانىغا مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر