پاكىستان ب د ت نى «كەشمىر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇشقا چاقىردى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى كەشمىردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش يولىدا قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

پاكىستان ب د ت نى «كەشمىر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى، ئاپتونوم سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ ھەرخىل چەكلىمىلەرگە دۇچار قىلىنغان جاممۇ كەشمىردىكى ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى «تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش يولىدا قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا دۈشەنبە كۈنى باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن شىۋېيتسارىيەگە بارغان مىنىستىر شاھ مەھمۇد قۇرەشى، زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە خەلقئارادىكى چوڭ مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ، مۇخبىرلاردىن كەشمىر خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىنسانىي كىرىسىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلىپ، كەشمىردە زىيارەتتە بولۇشنى خالايدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئامانلىقىنىڭ قوغدىلىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەردى.

كەشمىردە ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان قۇرەشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مايكېل باچېلېتنىڭ تەۋسىيەسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، كەشمىردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، كەشمىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىشىغا ئىسلامئابادنىڭ ئىجابىي قارايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ھىندىستان، 5 – ئاۋغۇستتا ئاساسىي قانۇننىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان جاممۇ كەشمىرگە ئاپتونوم سالاھىيىتى بېرىشنى مەزمۇن قىلغان 370 – ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر