جون بولتون ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا ئېمبارگولارنى ئازايتىش پىكرىگە قارشى چىققان دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان.

جون بولتون ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلۇمبېرگ (Bloomberg) ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 بلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ 9-سېنتەبىر (دۈشەنبە) ئېچىلغان يىغىندا، مۇشۇ ئاي ئاخىرىدا نىيۇ يوركتا ئېچىلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىدا ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئېمبارگولارنى يەڭگىللىتىشنى تەكلىپ قىلغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇجېن (Steven Mnuchin) بۇنداق قىلغاندا ئىران بىلەن مۇزاكىرە يولىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە پىرېزىدېنت ترامپنى قوللىغان. جون بولتون بولسا، قەتئىي قارشى چىققان. بۇنىڭ بىلەن، پىرېزىدېنت ترامپ خېلى ۋاقىتتىن بېرى ئىران ۋە ۋېنېزۇئېلا مەسىلىلىرىدە پىكىر ئىختىلاپى بارلىقى دېيىلىۋاتقان جون بولتوننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان.

يەنە بەزى مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقساراي پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن رۇھانىنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا كۆرۈشۈشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنى باشلىۋەتكەن.

ئىراننىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ترامپ-رۇھانى كۆرۈشۈشىنى تەستىقلىغان ياكى تەستىقلىمىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرى، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بولتوننىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلىشى بىلەن ئەڭ سادىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر