گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ۋوڭ بىلەن كۆرۈشۈشى نارازىلىق قوزغىدى

خىتاينىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ كېن خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا سىياسەتچىلەردىن بۇ مەسىلىگە ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ۋوڭ بىلەن كۆرۈشۈشى نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. خىتاي باش ئەلچىسى ۋۇ كېن خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، جەمئىيەتنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىشنى، ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىقلارنى قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامايىشچىلارنىڭ قانۇنىي چېگرالاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خوڭكوڭ سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن بىرى بولغان جوشۇا ۋوڭنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولغان نامايىشلارغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئاخىرقى قېتىم قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ناھايىتى ئەپسۇسكى، بەزى گېرمانىيەلىك سىياسەتچىلەر زوراۋانلىق تەشەببۇسچىسىنى قوبۇل قىلدى.»

ئۇ گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنى خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي مەلۇماتلارنى بىلمەسلىك ياكى سىياسىي مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ: «خوڭكوڭ خىتايغا تەۋە. خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ، خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچىمەن. خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. شۇڭا، سىياسەتچىلەرنى زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئۈستىنى ياپماسلىققا، خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە ئارىلاشماسلىققا تەكلىپ قىلىمەن» دېدى.

ئۇ خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقىنىڭ خىتايدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ، بىرلىكتە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مەسىلىنىڭ دىيالوگ بىلەنلا ھەل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە: «دىيالوگ ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت زوراۋانلىقلار توختىتىلىشى كېرەك» دېدى.

گېرمانىيە «DPA» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، باش ئەلچى ۋۇ كېن باياناتىدا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس جوشۇا ۋوڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە: «چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق، مائاسنىڭ جوشۇا ۋوڭ بىلەن كۆرۈشۈشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر