دونالد ترامپ بولتوننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانىنى ئاڭلاتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ شىمالىي كورېيە كىرىزىسىگە قارىتا «لىۋىيە مودېلى» نى تەكلىپ قىلىشىدىن كېيىن، پىكىر ئاختىلاپى باشلىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىقىغا دۇچ كەلگەنلى

دونالد ترامپ بولتوننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانىنى ئاڭلاتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئايالى مېلانا ترامپ ۋە سەھىيە مىنىستىرى ئالېكس ئازار بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى چاقىردى.

دونالد ترامپ جون بولتوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «بولتون شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭئۇن ھەققىدە لىۋىيە مودېلىنى تەكلىپ قىلىپ چوڭ خاتالاشتى. بۇ ئېلان قىلىنسا ياخشى بولىدىغان بىر بايانات ئەمەس ئىدى. بۇ بىزنىڭ ئېتىبارىمىزنى چۈشۈردى. قاددافىغا قىلىنغانلارغا بىر قاراپ بېقىڭلار. بولتۇن مەندىن قاتتىق قوللۇقنى تەلەپ قىلدى» دېدى.

دونالد ترامپ بولتۇننىڭ شىمالىي كورېيە ئۈچۈن لىۋىيە مودېلىنى تەكلىپ قىلىشىغا قارىتا «بىر پاجىئە» دەپ باھا بەردى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىدا پىكىر ئايرىلىشى كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ، «كىم چوڭئۇننى بۇ تەكلىپتىن كېيىن قىلغان سۆزلىرى ئۈچۈن ئەيىبلىيەلمەيمەن. جون بولتون بىلەن ھېچقانداق ئىشنى قىلىشنى خالىمىدى. بۇ پەقەتلا قاتتىق قول بولۇش مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. بەلكى بۇنى دېيىش ئۈچۈن زېرەك بولۇش كېرەكلىكىگە چېتىشلىق مەسىلە ئىدى» دېدى.

دونالد ترامپ بولتوننىڭ ئىراققا كىرىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەنىڭمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دونالد ترامپ بولتون بىلەن ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ياخشى چىقىشالىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىراق ھۆكۈمەتتە مەن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىغان ئادەملەر بىلەن ياخشى چىقىشالمايتتى. ياخشى شەكىلدە ئايرىلدۇق، دەپ قارايمەن. مۇشۇنداق بولغان ياكى بولمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. دۆلەتنى بىزنىڭ ئىدارە قىلغان شەكلىمىزدە ئىدارە قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار» دېدى.

بولتوننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۇنى يېنىغا چاقىرغانلىقىنى قەيت قىلغان دونالد ترامپ، «جون بولتونغا مەن ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ نۇرغۇن تاكتېكىلىرى ۋە پىكرىگە قارىتا ئوخشاش پىكىردە ئەمەسلىكىمىزنى ئېيتتىم. ياخشى تېلەكلەردە بولدۇم ۋە ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇمۇ ئىستېپاسىنى سۇندى» دېدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر