باھامالاردا 2500 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى

باھامالارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن دورىيان قويۇنى ئاپىتى سەۋەبىدىن 2500 كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىز -  دىرىكى يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

باھامالاردا 2500 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دورىيان قويۇنى ئالدىنقى ھەپتە 5كاتېگورىيەدە باھامالارنى ۋەيران قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

باھامالار جىددىي خىزمەت ئەترىتى باھامالاردا 2500 كىشىدىن ھازىرغىچە خەۋەر ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار قۇيۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 50 كىشىگە يەتكەنلىكىنى، بىراق نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىز دېرىكى يوقلۇقىنى، بۇ ۋەجىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. 

يۇقۇلۇپ كەتكەن 2500 كىشىدىن بەزىلەرنىڭ مەلۇم يەرلەردە پاناھلىنىۋاتقان بولۇشى ۋە تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن بۇ ساننىڭ تۆۋەنلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار قۇيۇن ئاپىتى ئەڭ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ئارالدىن ھازىرغا قەدەر 5000 كىشىنىڭ باشقا جايلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى، تەخمىنەن 7000 كىشىنىڭ يۆتكىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باھامالارغا زىياننى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئەترىتى يوللىدى ۋە 70 مىڭ كىشىنىڭ جىددىي ياردەمگە مۇختاج ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قېتىمقى دورىيان قۇيۇن ئاپىتى «رايون تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ قۇيۇن ئاپىتى» دەپ قەيتكە ئېلىندى.

بۇ قېتىمقى ئاپەت نۇرغۇن ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىڭلىغان كىشى ئۆيسىز قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر