ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش جازا تورىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى جازا يۈرگۈزۈش تورى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامەسىنى ئىمزالىدى.

ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش جازا تورىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى جازا يۈرگۈزۈش تورى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەزمۇن قىلغان 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىشلەر ئورۇن ئالغان قارارنامەسىنى ئىمزالىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، 11 – سېنتەبىر ھۇجۇملىرىنىڭ 18 – يىلىدا دۇنيا مىقياسىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى قارارنامەسى، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە جازا دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ۋە پەقەت تېررورچىلارنىلا ئەمەس، بۇ ئۇنسۇرلارغا ياردەمچى بولغان ئۈچىنچى كىشى ۋە ئورۇنلارغىمۇ زەربە بېرىشنى نىشان قىلىدۇ.

ترامپ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە شېرىكلىمىز، سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېشنىڭ قولىدىكى جايلارنى يۈزدە يۈز قۇتقۇزدى، بۇنىڭدىن باشقا دائېش، ئەلقائىدە ۋە ھىزبۇللاھنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى مالىيە ۋە ھەرىكەت تورلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى قارارنامەسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ دائېش، ئەلقائىدە، ھاماس ۋە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 15 كاتتىبېشىغا جازا يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان بىر قارارىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، سۈرىيەدە ئەلقائىدە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان «ھۇرراسۇددىن» ناملىق تەشكىلاتنىڭ «خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەشىكىلاتلارنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى ۋە يېڭى جازالارنى جاكارلاش تەييارلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر