«ترامپ رۇھانى بىلەن شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1267623
«ترامپ رۇھانى بىلەن شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېيو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىن بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزالىغان ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشكە ئالاقىدار ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش نىشان قىلىنغان قارارنامە ھەققىدە ئاقسارايدا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پومپېيو بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ترامپ بىلەن رۇھانىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى نىيۇ يوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى ئەسناىسىدا كۆرۈشۈپ كۆرۈشمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ترامپ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن شەرتسىز سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىنمۇ، ترامپ بىلەن رۇھانىنىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا ھەممىدىن بەكرەك ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىشقا يارىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گەرچە پىرېزىدېنت ترامپ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېھرانغا قارىتا كەڭ دائىرىلىك بېسىم ئىشلىتىش پائالىيەتلىرىنىمىزنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى قىلدى ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەنىدى: «ئەمما مەن كۆرۈشۈپ كۆرۈشمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن. كۆرۈشۈشىمىزمۇ مۇمكىن، كۆرۈشمەسلىكىمىزمۇ مۇمكىن. راستىنى ئېيتقاندا، ئىراننىڭ  ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرنى 24 ئىچىدە ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر