رىياد ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى پەلەستىن توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق توغرىسىدىكى باياناتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

1267487
رىياد ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى پەلەستىن توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئىيوردان ۋادىسىنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا «قوشۇۋېلىنىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىياد يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نېتانياھۇنىڭ باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ باياناتىنىڭ پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى، بۇنىڭ پەلەستىن خەلقىگە نىسبەتەن ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، ب د ت كېلىشىمى، خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆلچەملەرگە ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

نېتانياھۇنىڭ مەزكۇر باياناتىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل ۋە ئادىل رەۋىشتە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا سەرپ قىلىنغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى يوققا چىقىرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ خالىغانچە تېڭىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ پەلەستىن خەلقىنىڭ تەۋرەنمەس، شۇنداقلا مۇھاپىزەت ئاستىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى يوقىتىپ تاشلىيالمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بارلىق دۆلەتلەردىن، خەلقئارالىق ئىدارە – ئورگانلاردىن نېتانياھۇنىڭ باياناتىنى ئەيىبلىشى ۋە رەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك جىددىي يىغىن چاقىرىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇنيامىن نېتانياھۇ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز يەھۇدىي مەھەللىلىرىنى ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەييارلىغان «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» نىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئۇ يەنە، قايتا سايلىنىپ قالغان تەقدىردە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەربىي قىرغاقتىكى ئىيوردان ۋادىسىنى ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىسرائىلىيەگە «قوشۇۋالىدىغانلىقى»نى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر