مېركېل: ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەر ياۋروپاغا پايدىسىز

مېركېل ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان يىرىكچىلىكلەرنىڭ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ گېئوئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن قايتىدىن كۈچلىنىشىنىڭ، ياۋروپا ئۈچۈن يىلتىزى چوڭقۇر سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مېركېل: ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەر ياۋروپاغا پايدىسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 2020-يىللىق ىامچوت مۇزاكىرەلىرى دائىرىسىدە، فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلدى. ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى دۇنيادىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنىڭ قارشىسىدا زىچ ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

ئۇ: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى ئېشىۋاتقان يىرىكچىلىكلەرنىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ گېئوئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن قايتىدىن كۈچلىنىشىنىڭ، ياۋروپا ئۈچۈن يىلتىزى چوڭقۇر سەلبىي ئاقىۋەتلىرى بار. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىمۇ ياۋروپانى ئاجىزلىتىدۇ» دېدى.

ئۇ دۇنيادا بىر تەرەپتە ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان ۋە بارلىق ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ياۋروپانىڭ مەنىۋى بايلىق سىستېمىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ-ئامىرىكانىڭ بارلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتە يۈكسېلىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچكە ئىگە خىتاينىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپانىڭ مۇنداق دۇنيادا كۆپ تەرپلىمىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرتىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ياۋروپانى قوغداش رولىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى ۋە ياۋروپانى كۈچلۈك بولۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر