خوڭكوڭ ۋالىيسى ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋالىيسى كاررې لام ئامېرىكا پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ «خوڭكوڭ سىياسەت قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خوڭكوڭ ۋالىيسى ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋالىيسى كاررې لام ئامېرىكا پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشلار سەۋەبىدىن خوڭكوڭغا سودا سانائەت ساھەسى بويىچە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خوڭكوڭ سىياسەت قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

مەركىزى سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق «Channel News Asia» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىنترنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋالىي كاررې لام ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ مەسىلە ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋالغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق» دېگەن.

كاررې لام «ئاساسىي قانۇن» دەپ ئاتىلىدىغان خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىدا رايوننىڭ تاشقى مۇناسۋەتلىرىگە دائىر ئالاھىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تاشقى مۇناسىۋەت ئۆزئارا مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن بىز تۈزگەن ھەرقانداق كېلىشىم ياكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ خوڭكوڭغا قارىتا چىقارغاماقچى بولغان قانۇنىي بەلگىلىمىلىرى ھەرگىزمۇ يالغۇز خوڭكوڭنىڭلا مەنپەئەتى ئۈچۈن بولمايدۇ» دېدى.

كاررې لام بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا بىلەن خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا دوستلۇق مۇناسىۋەت سايىسىدا خوڭكوڭدا 1400 ئامېرىكا شىركىتىنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ مۇناسىۋەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. ھەممىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر