خەلقئارا جەمئىيەت نېتانياھۇنىڭ ئىيوردان ۋادىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرمەكتە

خەلقئارا جەمئىيەت، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئىيوردان ۋادىسى توغرىسىدىكى باياناتىغا ئارقا – ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

1267558
خەلقئارا جەمئىيەت نېتانياھۇنىڭ ئىيوردان ۋادىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جەمئىيەت، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئىيوردان ۋادىسىنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا «قوشۇۋېلىنىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىغا ئارقا – ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

پەلەستىن مىللىي كېڭىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت ئەزالىىقىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن ئەسسەفەدىمۇ نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ رايوننى زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشقا ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس، نېتانياھۇنىڭ باياناتىغا «دۈشمەنلىك سىياسىتى» دەپ باھا بەردى؛ ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «نېتانياھۇنىڭ غەربىي قىرغاق ۋە ئىيوردان ۋادىسىدىكى ئاھالىلەرنى قوشۇۋېلىش توغرىسىدىكى باياناتلىرى رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، خەلقىمىز ئىشغال ۋە ئىشغالچىنىڭ پىلانلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىنى توختاتمايدۇ» دېدى.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئان لىندې بولسا، بۇ ھەقتە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى SVT دە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ سايلام ۋەدىلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «مېنىڭچە ئەپسۇسلىنارلىق بىر بايانات. ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم خەلقئارا جەمئىيەت، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئالدىنقى شەرت ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بولۇشى كېرەك» دېدى.

بۇنيامىن نېتانياھۇ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز يەھۇدىي مەھەللىلىرىنى ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەييارلىغان «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» نىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئۇ يەنە، قايتا سايلىنىپ قالغان تەقدىردە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەربىي قىرغاقتىكى ئىيوردان ۋادىسىنى ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىسرائىلىيەگە «قوشۇۋالىدىغانلىقى»نى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر