ي پ گ / پ ك ك بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ تەلرىفئەت رايونىنىڭ غەربىدىكى مارە ناھىيەسىگە سونقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇشى نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى.

1266907
ي پ گ / پ ك ك بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ي پ گ / پ ك ك تۈنۈگۈن كېچە كىلىسنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە تېرروتېرىيەسىگە جايلاشقان ئەزىزنىڭ جەنۇبىدىكى مارە ناھىيەسىگە سوقۇنۇپ كىرىش ئۈچۈن ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان. ئىشغال قىلىۋالغان ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن تەلرىفئەت رايونىدا ھۇجۇم باشلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن مارەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەيخ ئىسا ۋە جەنۇبىدىكى ھاربىل رايونلىرىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشقان. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قايتۇرما زەربە بەرگەن. بۇ جەرياندا ئىككى ئەسكەر يارىلانغان.

«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئافرىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان ي پ گ / پ ك ك، ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەلرىفئەت رايونىنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەردىن پات - پات ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە ھۇجۇم قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر