قاتار سەئۇدى ئەرەبىستانغا «قېنى، پاكىتىڭ بولسا كۆرسەت!» دېدى

قاتار سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قاتارغا قاراتقان ئېيىبلەشلىرىگە ئالاقىدار پاكىتلىرى بولسا، خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتىغا سۇنۇشقا ۋە پارىس قولتۇقى كىرىزىسىدا مۇرەسسەچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كۇۋەيت بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلدى

قاتار سەئۇدى ئەرەبىستانغا «قېنى، پاكىتىڭ بولسا كۆرسەت!» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قاتارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، پارىس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ ھېچبىر باسقۇچىدا بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ باقمىىغانلىقى ۋە ھەر بىر بۇرۇلۇشتا تىنچلىق ئاساسىدا ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن مېخانىزمى بويىچە ھەرىكەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «سەئۇدى ئەرەبىستاننى جەسۇرلۇق بىلەن قاتار ھەققىدە ئوتتۇرىغا ئاتقانلىرىنىڭ دەلىل پاكىتىنى خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتىغا سۇنۇشقا شۇنداقلا كىرىزىسكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىكنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كۇۋەيت بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.

2017يىلى 5ئىيۇندىن بۇيان قاتارغا قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى ۋە كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ يالغۇز قاتارلىقلارغىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، «تېررورلۇقنى قوللىغان» دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتارغا قارشى يولغا قويۇلغان بايقۇتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

سەئەدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىرنىڭ 2017يىلى 5ئيۇندا قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشى ۋە قاتارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشنى يولغا قويۇشى پارىس قولتۇقى كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر