نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى
نىگېرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېبونيى ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى داۋىد ئۇماھىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلكىنىڭ نىگىبو رايونىدا نامەلۇم كىشىلەر قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 10 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، كۆپ ساندا كىشىنى يارىلاندۇرغان، بەزى ئۆيلەرگە ئوت قويۇۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن رايونغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن.
دۆلەتتە يېقىندىن بۇيان قوراللىق كىشىلەرنىڭ موتسىكلىت ئارقىلىق ھۇجۇم لارنى ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن بەزى ئۆلكىلەردە موتسىكلىت مىنىش چەكلەنگەنىدى.
نىگېرىيە پات - پات چارۋىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.
ھايۋانلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ كەتكەن فۇلانىلار، دېھقانلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
قوراللىق گۇرۇپپىلار بولسا بۇ توقۇنۇشلاردىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارماقتا، ھەمدە رايون خەلقىنى گۆرۈگە ئېلىۋالماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.