خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى نامايشچىلارغا دىيالوگ چاقىرىقىنى تەكرارلىدى

خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررىي لام تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قارىماي، نامايىشلارنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نامايشچىلارغا قايتىدىن دىيالوگ چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى نامايشچىلارغا دىيالوگ چاقىرىقىنى تەكرارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەررىي لام خوڭكوڭدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، خەلققە بولغان سەمىمىيىتىنى نامايان قىلغان بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زوراۋانلىقلار توختىتىلىشى لازىم. خەلق بىلەن بىۋاستە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى بەكلا ئارزۇ قىلىمىز. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالمىز مانا مۇشۇ» دېدى ۋە بىۋاستە دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كەررىي لام: «يەنە بىر قېتىم ھەممىمىز ئۈچۈن ۋە بارلىق خوڭكوڭ خەلقى ئۈچۈن بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىزنىڭ خوڭكوڭغا تىنچلىق ۋە ئىنتىزام تەرتىپ ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچىمەن» دېدى ۋە رايونغا چەت ئەللەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. 

كەررىي لام نامايىشچىلارنىڭ ئامېرىكانى خوڭكوڭ مەسلىسىگە ئارلىشىشقا چاقىرىق قىلىشى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، خوڭكوڭدا 1400 گە يېقىن ئامېرىكا شىركىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئامېرىكا بىلەن خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرنىڭ بىر تەرەپلىك ئەمەس، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشنىڭ پۈتۈنلەي ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كەررىي لام، رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان تۈپكى قانۇن دائىرىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى ۋە مەجبۇريەتلىرى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

كەررىي لام نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇنلىغان يالغان خەۋەر، قۇرۇق گەپ ۋە قۇتراتقۇلۇقلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەممىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ بار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئايلىنىپ يۈرگەن مەلۇماتلارنى ئالماقتىمىز. بۇلارنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئەسلى ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن قاتتىق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر