جونسوننىڭ تەكلىپى يەنە رەت قىلىندى

ئەنگلىيە پارلامېنتى باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ 15-ئۆكتەبىردە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئىككىنچى قېتىم يەنە رەت قىلدى. پارلامېنت ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇزاكىرەلىرى ئىچىدە 14-ئۆكتەبىرگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى.

1266620
جونسوننىڭ تەكلىپى يەنە رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن ئۆكتىچىلەر سۇنغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنشكە مۇناسىۋەتلىك بەزى لايىھەلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. بىرىنچى بولۇپ، ھۆكۈمەتنى پارلامېنتنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىشىنى، كېلىشىمسىز چېكىنىشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ۋە پىلانلارنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلغان لايىھە مۇزاكىرە قىلىندى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن ئىستېپا بەرگەن دومىنىك گرىيېۋ (DominicGrieve) سۇنغان لايىھە 302 گە قارشى 311 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

مەزكۇر لايىھە كېرەكلىك باشقا تەستىقلارغا ئېرىشكەن تەقدىردە، پىلانلار ياكى رەسمىي ھۆججەتلەرلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېلىخەت، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسلىرى ۋە ۋوتسئاپ قاتارلىقلاردا قىلغان بارلىق خەلقئارالىق ئۇچۇر-ئالاقىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىمۇ مەجبۇرىي بولىدۇ.

پارلامېنتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى شەرت قىلغان لايىھەمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. ئىشچى پارتىيەسىنىڭ بۇ لايىھەسىگە ئېتىراز بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋازغا قويۇلماستىنلا قوبۇل قىلىندى.

بۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت 2019-يىلى 19-ئۆكتەبىرگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى كېلىشىمسىز چېكىنىش ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ تەستىقى بولمىغان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۈچ ئاي كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت تەلەپ قىلىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

پارلامېنتتا بۇنىڭدىن بۇرۇن رەت قىلىنغان باش ۋەزىر جونسوننىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىپىمۇ ئاۋازغا قويۇلدى. 2019-يىلى 15-ئۆكتەبىر مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپى 46 گە قارشى 293 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما 650 ئورۇنغا ئىگە پارلامېنتتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.

باش ۋەزىر بورىس جونسون 2019-يىلى 31-ئۆكتەبىردە كېلىشىم تۈزۈلسۇن ياكى تۈزۈلمىسۇن ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىندۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى پات-پات تەكرارلاپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر