ھىندىستان رۇسىيەگە «S-400» ئۈچۈن ئالدىن پۇل تاپشۇردى

ھىندىستان رۇسىيەدىن سېتىۋالماقچى بولغان «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈچۈن زاكالەت بەردى.

1266250
ھىندىستان رۇسىيەگە «S-400» ئۈچۈن ئالدىن پۇل تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى يۇرىي بورىسوۋ، ھىندىستانغا «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك زاكالەت پۇلىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يۇرىي بورىسوۋ رۇسىيە دۆلەت قانىلى «Rossiya 1» گە بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستانغا «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تاپشۇرۇش بېرىش ۋاقتىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاپشۇرۇشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلاشنى پىلانلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان يۇرىي بورىسوۋ «<S-400> نىڭ بەدىلىنىڭ ئالدىنقى قىسمى تاپشۇرۇپ ئېلىندى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى 18 ياكى 19 ئاي ئىچىدە باشلايمىز» دېدى.

ھىندىستانغا 5 باتارىيادىن تەشكىل تاپقان جەمئىي 5 مىليارد 430 مىليون دوللارلىق «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2018يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىمزالانغان ئىدى.

ئامېرىكا بۇ سودا كېلىشىمى داۋاملىق قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە ھىندىستانغا ئەگەر رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن <S-400> كېلىشىمىدىن ۋاز كەچمىسە، ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر