فىرانسىيەدە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى 1500 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

فىرانسىيەدە 2003 – يىلى يۈز بەرگەن ۋە 20 كۈن داۋاملاشقان ئىسسىق ھاۋا دولقىنىدا 15 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

1265918
فىرانسىيەدە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى 1500 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا دۆلەتنى تەسىرىگە ئاستىغا ئالغان ئىسسىق ھاۋا دولقىنى سەۋەبىدىن 1500 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى.

28 - ئىيۇندا قىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى 46 گىرادۇسقا چىقىپ، يېڭى بىر رېكورت ياراتتى.

فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرى ئاگنېر بۇزىيىن «بۇ ئايلاردا (يەنى ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا) 1500 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى. يەنى، 2003 - يىلىدىكى ئىسسىق ھاۋا دولقىنىدىن 10 ھەسسە ئاز ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلدى» دېدى.

ئاگنېر بۇزىيىن ئىسسىق ھاۋاغا قارشى يولغا قويۇلغان ئالدىنى ئېلىپ تەدبىرلىرىنىڭ 2003 يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىشىگە ياردەمچى بولغانلىقىنى ئىيتتى.

فىرانسىيەدە 2003يىلى يۈز بەرگەن ۋە 20 كۈن داۋاملاشقان ئىسسىق ھاۋا دولقىنىدا 15 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر