خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار دونالد ترامپقا چاقىرىق ئېلان قىلدى

خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار دونالد ترامپقا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «خوڭكوڭنى ئازاد قىلغىن!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

1265534
خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار دونالد ترامپقا چاقىرىق ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدىكى نامايىشلار، تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىغانلىقى جاكارلانغانلىقىغا قارىماستىن ئىزچىل داۋاملاشماقتا. 

خوڭكوڭ رادىيو تېلېۋزىيە ئىدارىسى «RTHK» يۈزلىگەن نامايىشچىنىڭ خوڭكوڭ ئىسلاند رايونىدىكى چارتېر باغچىسىدىن ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يۈرۈشتە قوللىرىغا ئامېرىكا بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ۋە يۈزلىرىگە ماسكا تاقىۋالغان نامايىشچىلار، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «خوڭكوڭنى ئازاد قىلغىن!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار يەنە ئامېرىكاغا قاراتقان ھالدا، خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنىنى پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدى.

خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلار تەستىقلىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزكۇر قانۇن، خوڭكوڭغا سودا ئېكسپورت ۋە سانائەت ساھەسىگە دائىر ئۆزگىچىلىكلەر جەھەتتە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىشى ۋە شەھەرنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كۈچۈرىلىشى شۇنداقلا 1992يىلى تۈزۈلگەن ئامېرىكا خوڭكوڭ سىياسەت قانۇنىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ ئۈچۈن يولغا قويغان ئالاھىدە مۇئامىلىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ھەر يىلى رايوننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشنى مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرگەن خوڭكوڭ سىياسەت قانۇنى، خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى بىلەن ياخىشلانغان ئەھۋالدىلا ئاندىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى ئەمەلدارلارغا قارشى ئىمبارگو يۈزگۈزەلەيدىغان بولىدۇ.  

نامايىشچىلار ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا، خىتاينىڭ قانۇن تەكلىپىنىڭ تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىدىن باشقا يەنە، نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلغان ساقچىلار ھەققىدىمۇ تەكشۈرۈش باشلاش ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلىشى، نازارەتكە ئېلىنغان نامايىشچىلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈم ئېلان قىلىنىشى، نامايىشلارنى «قوزغىلاڭ» دەپ ئاتاشنى توختىتىش ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررى لام مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە قانۇن تەكلىپىنىڭ تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق نامايىشچىلار لامنىڭ باياناتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ۋە بارلىق تەلەپلىرىنىڭ تۇلۇق قاندۇرۇلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلماقتا. 

يەنە بىر تەرەپتىن تۈنۈگۈنكى نامايىشلادا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 19 كىشى يارىدار بولۇپ بالنېستقا ئېلىنغان ئىدى.

خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا نازارەتكە ئېلىنغانلار سانىنىڭ 1183 كىشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر