رۇسىيە Google بىلەن Facebook قا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

رۇسىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە نازارىتى ئورگىنى Google بىلەن Facebook نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى تاراتقۇلارنى شەھەر مەجلىسى سايلاملىرى مەزگىلىدە سىياسىي ئېلان تارقاتماسلىق توغرۇلۇق  ئاگاھلاندۇردى.

1265136
رۇسىيە Google بىلەن Facebook قا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئۇچۇر – ئالاقە، تېخنولوگىيە ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، پايتەخت موسكۋانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى رايونلاردا ھەپتەئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر مەجلىسى سايلاملىرى مەزگىلىدە،  سىياسىي ئېلان تارقاتماسلىق توغرۇلۇق Google، Facebook ۋە YouTube قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ، سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

رۇسىيەدە 7 – 8 – سېنتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر مەجلىسى سايلاملىرىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان مۇستەقىل نامزاتلارنىڭ تىزىملىكلىرىنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار سەۋەبىدىن يۈزلەرچە كىشى قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر