ئابدۇللاھ مۇرسى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى.

مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ۋاپات بولغان ئوغلى ئابدۇللاھ مۇرسى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى.

1264727
ئابدۇللاھ مۇرسى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا چۈشۈرۈلگەن مېيت نامىزىغا پەقەت مۇرسىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرقانچە يېقىن – يورۇقلىرىنىڭلا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

ئابدۇللاھ مۇرسى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ شەرقىدىكى مەدىنەتۇن ناسىر رايونىدىكى دادىسىنىڭ مازىرى بار قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.

مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن 25 ياشلىق ئابدۇللاھ مۇرسىنىڭ دەپنە قىلىنىشى ۋە ۋاپات بولۇش سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

مۇھەممەد مۇرسىمۇ ۋاپات بولۇپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، تاڭ سەھەردە ۋە پەقەت بىرقانچە يېقىن – يورۇقلىرىلا قاتناشقان ئاددىيغىنا مېيت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، دەپنە قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر