سۇداندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

سۇداندا ئاپرېل ئېيدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن 39 ئايلىق ۋاقىتلىق باسقۇچنىڭ تۇنجى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.

1264940
سۇداندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ھەمدۇك باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارمىيە تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان يېڭى ئىچكى كابېنت 20 مىنىستىردىن تەشكىل تاپىدىكەن. ئىككى مىنىستىرنىڭ ئىسمى كېڭەشلەردىن كېيىن جاكارلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر