جونسون ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى.

1264657
جونسون ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون «10-نومۇرلۇق» ئىشخانىسىدا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنىس ۋە ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، باش ۋەزىر بورىس جونسون بىلەن مايك پېنسنىڭ كۆرۈشۈشىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، ئىرېلاندىيە، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى، خوڭكوڭ ۋە ئىران مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

كۆرۈشۈشتە يەنە، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئىشلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەقسەتتە ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئىقتىسادىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، بورىس جونسون بىلەن ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ كۆرۈشۈشىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى، ئىستىخبارات، بىخەتەرلىك ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىنغان. ئىككى رەھبەر ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ۋە رايوندىكى «مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلىرى» نى ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. كۆرۈشۈشتە، بورىس جونسون ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «تەرەپلەرنىڭ يوللۇق قايغۇلىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان، ياشىغىلى بولىدىغان ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ» نىڭ تەپسىلاتلىرىنى كۆرۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

باش ۋەزىر بورىس جونسون يەنە، مەسىلىلەرنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشقا ۋە دىيالوگقا ئېھتياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر