IMF نىڭ يېڭى باشلىقى ئۈچۈن ياش چەكلىمىسى بىكار قىلىندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) غا باشلىق بولۇش 65 ياش بولۇش چەكلىمىسى بىكار قىلىندى.
1264941
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتى بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ئۈچۈن 65 ياش بولۇش ۋە 70 ياشتىن يۇقىرى بولماسلىق چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان. بۇ چەكلىمىنىڭ 1951 – يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان كىرىستىنې لاگاردېنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 4 – ئۆكتەبىر كۈنى توشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.