ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئازەزگە ھۇجۇم قىلدى

ئازەزنىڭ جەنۇبىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى سېپىدىن 1 كىشى ئۆلدى، 2 كىشى يارىلاندى.

1262931
ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئازەزگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈنۈگۈن كېچە تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىنىڭ ئۇ تەرىپىگە جايلاشقان سۈرىيە تەۋەلىكىدىكى ئازەزنىڭ جەنۇبىدا ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان مەراناز يېزىسى ئارقىلىق سوقۇنۇپ كىرىش مەقسىتىدە ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ شۇنىڭ بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى سېپىدىن 1 كىشى ئۆلدى، 2 كىشى يارىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئارمىيەسى بۈگۈن ئەتىگەندە تەل رىفاتنى ماكان تۇتۇپ يېتىۋاتقان ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئۇۋىلىرىنى ئوققا تۇتتى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان ي پ گ / پ ك ك، ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەل رىفات رايونىنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ رايوننى ماكان تۇتۇپ يېتىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارغا پات – پات ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر