نەنجىڭ تىببىي ئۇنىۋېرستېتىغا يۈز تونۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

نەنجىڭ تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرستېتىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىككى سىنىپقا يۈز تونۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

1263062
نەنجىڭ تىببىي ئۇنىۋېرستېتىغا يۈز تونۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەنجىڭ تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئىككى سىنىپقا سىناق تەرىقىسىدە يۈز تونۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدىكى تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزىنىڭ دىرېكتورى شۈ جېنجىن يۈز تونۇش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىشى ۋە ئىنتىزامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتىكى ھەرىكەتلىرىنى سىستېمىنىڭ كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى ئاڭۋاتقان ياكى ئاڭلىمايۋاتقانلىقىنى كۆزىتىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەكتەپكە كەلمەسلىك ياكى مەكتەپتىن بالدۇر قايتىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بەزى ئوقۇغۇچىلار يۈز تونۇش سىستېمىسىنىڭ مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىراق دىرېكتور شۈ بۇنى رەت قىلىپ، سىستېمىنىڭ كۆپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مەخپىيەتلىك مەسىلىسى بويىچە شۇ يەردىكى ج خ ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقلىرىنى، سىنىپلار ئاممىۋى سورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن سىستېمىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمايدىغانلىقىنى ۋە سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئەھۋالدا بارلىق سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىۋېرستېتنىڭ دەرۋازىلىرىغا، كۇتۇپخانىغا ۋە شۇنىڭدەك بەزى بىنالارغىمۇ يۈز تونۇش سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەزى كىشىلەر بۇ تۈزۈمگە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا نارازىلىق بىلدۈردى. يۈز تونۇش سىستېمىسى بەزى جايلاردا قوللىنىلماقتا.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق نۇرغۇن مائارىپ ئورگانلىرى ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ «بىخەتەرلىكى» ئۈچۈن دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۈز تونۇش سىستېمىسىدىن پايدىلانماقتا.

بېيجىڭدىكى بەزى ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردىمۇ تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىشكە چەك قويۇش ۋە ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈز تونۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر