تېكساستىكى قوراللىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يەتتىگە، يارىلانغانلار سانى 22 گە چىقتى.

1262039
تېكساستىكى قوراللىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېكساس ئىشتاتىنىڭ مەسئۇللىرى 2019-يىلى 30-ئاۋغۇست (شەنبە) كۈنى يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن، 31-ئاۋغۇست (يەكشەنبە) ئېلان قىلغان باياناتى بىلەن ھۇجۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى قەيت قىلدى.

قوراللىق ھۇجۇم توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى باياناتقا ئاساسلانغاندا، تېكساسنىڭ مىدلەند (Midland) ۋە ئودېسسا (Odessa) شەھەرلىرى ئارىسىدىكى سودا مەركىزى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، بىر بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 22 كىشى يارىلانغان. قوراللىق ھۇجۇمچى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، تەسلىم بولۇش ئاگاھلاندۇرۇشىغا بويسۇنمىغان قوراللىق كىشى بىر ئاپتوموبىلنى ئوغرىلاپ قېچىش جەريانىدا ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقارغان. ساقچىلار تەرىپىدىن بىر تىياتىر بىناسى ئەتراپىدا قورشاۋغا ئېلىنغان 30 ياشلاردىكى ئاقتەنلىك ھۇجۇمچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا قوراللىق ھۇجۇم توغرىسىدا توختالغاندا، ۋەقەنىڭ «ھۇجۇمچىنىڭ ئەقلى كېسەللىكى» گە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا كونگرەسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇملارنى ئازايتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر