خوڭكوڭدا ھەپتە ئاخىرى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خوڭكوڭدا نامايىشچىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدە تەشكىللىنىپ، خوڭكوڭ ئايرودۇرۇمىغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتنىشىنى توسۇشقا چاقىردى.

1262095
خوڭكوڭدا ھەپتە ئاخىرى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا نامايىشچىلار يەكشەنبە (1-سېنتەبىر) كۈنى ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتنىشىنى ئوت قويۇپ بېرىلگەن توسۇقلار بىلەن توختاتتى. رايوندىكى مېترولارنىڭ قاتنىشىمۇ توختىتىدى. ئاپتوبۇس قاتنىشى ۋاقىتلىق توختىدى ۋە يولۇچىلار ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمغا پىيادە بېرىشقا مەجبۇر بولدى.

نامايىشچىلار ئايرودۇرۇمغا بارىدىغان ئاپتوبۇسلارنى توختىتىشقا ئۇرۇندى. ساقچىلار نامايىشچىلارنى ئايرودۇرۇمدىن يىراقلارشتۇردى. ئايرودۇرۇمدىن قايتقان نامايىشچىلار تۇڭ چۇڭ (Tung Chung) رايونىدىكى پويىز ئىستانسىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بەزى نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا نەرسە-كېرەك ئاتقانلىقىنى، ئايرودۇرۇمغا بارىدىغان تۆمۈر يول رېلىسلىرىغا تۆمۈر، تاش ۋە كېسەك قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشلار سەۋەبىدىن خوڭكوڭدا 17 ئايروپىلان سەپىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خوڭكوڭ ساقچى تەرەپ 1-سېنتەبىر 63 نامايىشچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 13 ياشلىق بىر بالىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

نامايىشچىلار بۈگۈن (دۈشەنبە) ۋە 3-سېنتەبىر (سەيشەنبە) ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلاشنى چاقىرىق قىلدى.

خوڭكوڭدا ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنۋاتقان كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى 3 – ئاپرېلدا يەرلىك پارلامېنتقا سۇنۇلغان بولۇپ، نارازىلىقلار باش كۆتۈرگەندىن كېيىن قايتۇرۇۋېلىنغانىدى. نامايىشچىلار قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر