ئىران: بىز ئۆزىمىز خالىغان ھەممە كىشىگە، ھەممە خېرىدارغا نېفىت ساتىمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىراننىڭ ئادرىئان داريا-1 ناملىق پاراخوتىنىڭ سۈرىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

1261750
ئىران: بىز ئۆزىمىز خالىغان ھەممە كىشىگە، ھەممە خېرىدارغا نېفىت ساتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىراننىڭ ئادرىئان داريا-1 ناملىق پاراخوتىنىڭ سۈرىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب بېرىپ، «بىز ئۆزىمىز خالىغان ھەممە كىشىگە، ھەممە خېرىدارغا نېفىت ساتىمىز» دېدى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، مايك پومپېيونىڭ ئىران پاراخوتىنىڭ سۈرىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ۋاسىتىلىرىغا ۋە يادرو يېقىلغۇغا ئېرىشىشكە يول قويمىغانلىقىنى، ئىران ئۇلارنى ئىشلەپچىقارغاندا بولسا، شىكايەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن زەرىف، «ئامېرىكا دېڭىز قاراقچىلىقى ۋە تەھدىت بىلەن ئىراننىڭ كونا خېرىدارلىرىغا نېفىت سېتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. غىڭشىپ تۇرماڭ، ھۆرمەتلىك پومپىيو! بىز ئۆزىمىز خالىغان ھەممە كىشىگە، ھەممە خېرىدارغا نېفىت ساتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تۈنۈگۈن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف، ئادرىئان داريا-1 نىڭ سۈرىيەگە كەتمىگەنلىكى توغرىسىدا ئەنگلىيەگە كاپالەت بەردى، بىراق بىز مەزكۇر نېفىت پاراخوتىنىڭ سۈرىيەنىڭ تارتۇس پورتىغا كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئىگىمىز» دېگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا دائىرىلىرى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاناما بايرىقى قادالغان ئىران پاراخوتى «ئادرىئان داريا-1» نى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر