ئامېرىكا ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك پاناما بايرىقى قادالغان « Adrian Darya-1» ناملىق ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

1261493
ئامېرىكا ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مەزكۇر پاراخوتنىڭ  ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە قاراشلىق «قۇددۇس كۈچى» ناملىق تەشكىلاتقا نېفىت يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر نېفىت پاراخوتى ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە قاراشلىق «قۇددۇس كۈچى» ناملىق تەشكىلاتقا 2.1 مىليون ۋارىل خام نېفىت يەتكۈزۈپ بەرگەن، شۇ سەۋەبتىن، بۇ پاراخوت  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف < Adrian Darya-1> ناملىق پاراخوتنىڭ سۈرىيەگە بارمىغانلىقى توغرۇلۇق ئەنگلىيەگە كاپالەت بەردى. بىراق بۇ پاراخوتنىڭ سۈرىيەنىڭ تارتۇس پورتىغا بارغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك ئاخباراتقا ئىگىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر