ئامېرىكىدا تەنتەربىيە زالىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا ئىككى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى.

1261489
ئامېرىكىدا تەنتەربىيە زالىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ «‹ CNN› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  ئالاباما ئىشتاتىدىكى Ladd-Peebles  تەنتەربىيە زالىدا لېفلور تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى كوماندىسى بىلەن ۋىليامسون تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى كوماندىسى  ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 15 – 18  ياش ئەتراپىدىكى 5 ى ئېغىر، 10 ياش يارىلانغان.

ئىشتاتلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لاۋرېنسې باتتىستېنىڭ ئېيتىشىچە، ياشلار مەھەللىلەردىكى جېدەل – ماجىرالىرىنى ئاممىغا ئوچۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلارغا يامرىتىش بىلەن باشقا ئىنسانلارنى خەۋپكە دۇچار قىلغان.

ۋەقەدىن كېيىن ئىككى كىشى قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر