خىتاينىڭ «Linkedİn» ناملىق چەت ئەل تورىنى جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

خەلقئارا ئەمگەك كۈچى ۋە خىزمەت سالاھىيىتى تورى «Linkedİn» نى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشپىيون توپلاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1261108
خىتاينىڭ «Linkedİn» ناملىق چەت ئەل تورىنى جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئەمگەك كۈچى ۋە خىزمەت سالاھىيىتى تورى «Linkedİn» نى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سابىق خادىملىرى، خۇسۇسىي ساھەلەردىكى مۇھىم شەخسلەر ۋە ئاكادېمىكلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ بايقاشلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

خەۋەردە، خىتايدىكى ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ دۇنيادا تەخمىنەن 645 مىليون كىشى ئەزا بولغان «Linkedİn» تورىنى ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق ۋە ئۆزىگە ئىشپىيون توپلاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «Linkedİn» ناملىق ئەمگەك كۈچى ۋە خىزمەت سالاھىيىتى تورىنى، بولۇپمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سابىق خادىملىرى، خۇسۇسىي ساھەلەردىكى مۇھىم شەخسلەر ۋە ئاكادېمىكلارنى تورغا دەسسىتىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەتكەن.

خەلقئارا ئەمگەك كۈچى ۋە خىزمەت سالاھىيىتى تورى «Linkedİn» نىڭ گوگلې، تىۋىتتېر ۋە فېسبۇك قاتارلىق باشقا چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ ئەكسىچە، خىتايدا چەكلەنمىگەن بىردىن بىر چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇسى ئىكەنلىكى مەلۇم.

بۇ توردا خىزمەت ئىزدەيدىغان نۇرغۇن ساندا سابىق ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ بولسا، ساختە ھېسابلار بىلەن توردا مۈكۈپ ئولتۇرغان خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئاسانلا بايقىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ئۇقتۇرۇلىشىچە، دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىشلەيدىغان جوناس پارېللو پىلېسنېرگە بۇ توردا ئۆزىنى خىتايلىق سودا سانائەتچى دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئايال بېيجىڭدا ئۇچرىشىش تەكلىپى سۇنغان.

جوناس پارېللو پىلېسنېرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۇچرىشىش ئۈچۈن بېرىپ، كۈتۈپ تۇرغاندا، «Linkedİn» تورىدا سۆزلەشكەن ئايالنىڭ ئورنىغا 3 ئەر كىشى كەلگەن ۋە خىتايغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشقان.

جوناس پارېللو پىلېسنېر بۇلارنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ۋە شۇ چاغدا ئەنگلىيەگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەسىلە ھەققىدە ئەنگلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر