ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەدىن كونكرېت تەكلىپ سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەدىن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت تەكلىپىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۇنۇش» نى تەلەپ قىلدى.

1260123
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەدىن كونكرېت تەكلىپ سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مىنا ئاندرىۋا ئەزا دۆلەتلەر نامىدا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇزاكىرەلىرىنى ئېلىپ بارغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان چېكىنىش ۋاقتىنىڭ، ئەڭ كېيىن بولغاندا 31-ئۆكتەبىر ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كونكرېت تەكلىپ بىلەن كېلىشكە چاقىردى.

ئۇ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابىتتىن پارلامېنتنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش تەلىپىنىڭ، دۆلەتنىڭ «ئىچكى ئىشلىرى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئەنگلىيە پارلامېنتى قانۇن چىقىرىپ 2019-يىلى 29-مارت ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك بولغان كېلىشىمسىز چېكىنىشنى توسۇپ قالغان ئىدى. ھۆكۈمەت بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى 31-ئۆكتەبىرگە كېچىكتۈرگەن ئىدى.

ئەنگلىيە 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا %48 ئاۋاز بىلەن %52 ئاۋاز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر