ھەنىييە غەززەدىكى پارتلاشلار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلار بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، غەززەنىڭ غەربىدىكى پارتلاشلار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1259900
ھەنىييە غەززەدىكى پارتلاشلار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلار بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، غەززەنىڭ غەربىدىكى پارتلاشلار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پارتلاشلارنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭەلىگۈدەك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پارتلاشلار بىلەن چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قولغا چۈشۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھەنىييە، «غەززە بارلىق سۇيىقەستلەرنى يېڭىپ چىقىدۇ. ئۇرۇش ۋە مۇھاسىرە ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەن ئىشلىرىنى بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىقمۇ ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ» دېدى.

غەززەنىڭ غەربىي قىسمىدا ئىككى ئايرىم پارتلاش يۈز بېرىپ، 3 ساقچى شېھىت بولغان، بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغانىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پارتلاشلاردىن كېيىن بارلىق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە  ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر