ئامېرىكا تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك «F-35» مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ مەسلىھەتچىسى ئېللېن لورد (Ellen Lord) مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرىدا چىققان «F-35» كىرىزىسى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى.

1258946
ئامېرىكا تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك «F-35» مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ مەسلىھەتچىسى ئېللېن لورد (Ellen Lord) تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىلىۋېتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەت، بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز. شۇڭا، ھەر دائىم سۆھبەتلىشىشكە ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسى دائىرىسىدە ياسىغان 900 دىن ئارتۇق زاپچاسنىڭ پۈتۈنلەي ئامېرىكادا ياسىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ 2020-يىلى مارت ئېيىغىچە پىروگرامما ئۈچۈن زاپچاس ياساشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىگىدارچىلىقى تۈركىيەگە تەۋە بولغان ئايروپىلانلارنىڭ ھازىرغىچە لۇكې ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئىكەنلىكىنى، ئايروپىلانلارنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك «ھەر خىل پىلانلار ئۈستىدە» خىزمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن باشقا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ-يەتكۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىلەن <F-35> مەسىلىسى ۋە باشقا پائالىيەتلىرىمىزنى ئايرىم تۇتىمىز. بۇ مەسىلە، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالغان <S-400> سىستېمىسى بىلەن <F-35> مەسىلىسى ئىدى.»

ئۇ، «تۈركىيە پىروگراممىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، پىروگراممىغا قايتا قاتنىشالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا: «S-400بىلەن F-35 بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدۇ. تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەت، بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز. شۇڭا، ھەر دائىم سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.


خەتكۈچ: #پېنتاگون , #S-400 , #F-35

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر