پاكىستان ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى، ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن كىرىزىستا پاكىستاننى قوللىغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

1259386
پاكىستان ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شاھ مەھمۇد قۇرەشى بىلەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ جاممۇ كەشمىردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا قۇرەشىنىڭ چاۋۇشئوغلۇغا «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئىشغال ئاستىدىكى كەشمىرنىڭ قورالسىز مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئاۋازىنى ياڭراتقانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. تۈركىيە بىلەن پاكىستان بىر – بىرىنىڭ كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەسىنى قوللاپ كەلمەكتە» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قۇرەشى، تۈركىيەنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى بىرلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغىمۇ يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ جاممۇ كەشمىر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كەشمىر مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئالدىمىزدىكى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كۆرۈشۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پاكىستانلىق مەنسەپدېشى شاھ مەھمۇد قۇرەشىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەنىدى.

ھىندىستان، ئاساسىي قانۇننىڭ يېرىم ئەسىردىن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان جاممۇ كەشمىرگە ئىمتىياز بېرىشنى مەزمۇن قىلغان 370 – ماددىسىنى 5 – ئاۋغۇستتا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رايوننىڭ ئالاھىدە سالاھىيەتلىك قۇرۇلمىسىنى بىكار قىلىپ تاشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر