ماكرون، ترامپ بىلەن رۇھانىنى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنى كۆرۈشتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1258996
ماكرون، ترامپ بىلەن رۇھانىنى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنى كۆرۈشتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى بېكىتىپ چىقتۇق» دېدى.

ئېمانۇئېل ماكرون فىرانسىيەدە چاقىرىلغان تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ، يىغىندا رەھبەرلەر ئارىسىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلى تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماكرون، دونالد ترامپ بىلەن شەنبە كۈنى چۈشتە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى؛ «ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كېلىشتۇق. ئىران ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماسلىقى كېرەك.» دېگەن ماكرون، ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلا بولسا، ھەرقانداق سىياسىي لىدېر بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپمۇ تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ھەقىقەتەنمۇ «ئۈنۈملۈك بولدى»، دەپ باھا بەردى.

ئۇ، ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «شەرتلەر توغرا بولسا، ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىران ھەققىدە ياخشى ئويلىرىم بار، نۇرغۇن ئىرانلىق دوستلىرىم بار، ئېسىل كىشىلەر» دېگەندىن كېيىن، ئىران «ناچار ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، «ئېغىر كۈچ» نىڭ زەربىسىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر