ترامپ ئىران بىلەن سۆزلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ G7 دۆلەتلىرى نامىدا ئىرانغا يەتكۈزۈلىدىغان خىتابنامىنى مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1258290
ترامپ ئىران بىلەن سۆزلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىرانسىيەنىڭ بىياغىتىز (Biarritz) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 يىغىنىدا، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ شىنزۇ ئابى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ G7 دۆلەتلىرى نامىدا ئىرانغا بىر خىتابنامە يەتكۈزۈپ-يەتكۈزمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ياق، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ، «ماكروننىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىنى قوللامسىز؟» دېگەن سوئالغا: «ئەلۋەتتە. باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىنىمۇ قوللايمەن، چۈنكى ئۇمۇ ئىران بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ. بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتى بار. بىراق، ئىران ئىككى يېرىم يىل بۇرۇنقى ئىران ئەمەس. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۇچرىشىشلىرىنى ئېلىپ بارىمىز، بىراق سىلەر بىلگەندەك كىشىلەرنىڭ سۆزلىشىشىنى توسىيالمايمەن. سۆزلىشىشنى خالىسا، سۆزلەشسە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بۈگۈن (26-ئاۋغۇست) ئۇشتۇمتۇت 45-قېتىملىق G7 يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بىياغىتىز شەھىرىگە يېتىپ باردى.

پىرېزىدېنت ترامپ رۇسىيەنىڭ G7 گە قايتىدىن قاتنىشىشى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بۇ داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرە. بەزىلەر رۇسىيەنى قايتىدىن G7 دە كۆرۈشنى خالايدۇ. مېنىڭچە بۇ، دۇنيادا نۇرغۇن ئىشقا پايدىلىق بولاتتى. مېنىڭچە يەنە، ئىجابىي ئىش بولاتتى. بەزىلەر مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردە. بۇ، بىز مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر مەسىلە» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ قورال سىنىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «بۇنىڭدىن مەمنۇن ئەمەسمەن. بىراق، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ھېچبىر كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلمىدى، سۆزلىشىۋاتىمىز. ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭدىن ناھايىتى ياخشى بىر مەكتۇب تاپشۇرۇۋالدىم» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر