نېتانياھۇ سۈرىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، ئىرانغا سۈرىيە زېمىنلىرىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاگاھلاندۇردى.

1258286
نېتانياھۇ سۈرىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنيامىن نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئاۋىۋ كوخاۋ بىلەن بىرلىكتە ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئىراننىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى قۇددۇس بىرىگاداسىنىڭ پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ گولان ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سۈرىيەگە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىدە دەمەشىقكە يېقىن جايدىكى قۇددۇس بىرىگاداسىغا تەۋە نۇقتىلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ئارقىلىق مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىشنى پىلانلىغان بارلىق ھۇجۇملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز» دېگەن نېتانياھۇ، ئىسمىنى تىلغا ئالماستىن ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «رايوندىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتتىن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىنىشىغا يول قويمايمىز. زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا يول قويغان ھەرقانداق دۆلەت ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر