ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى ئىرانغا تەۋە ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقكە يېقىن جايدىكى بەزى ھەربىي نىشانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1258066
ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى ئىرانغا تەۋە ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن كەچتە دەمەشىقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەقرەبا بازىرى ئەتراپىدا ئىران ھىمايىسىدىكى قۇددۇس بىرىگاداسىنىڭ بەزى ئورۇنلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بومباردىمان قىلىنغان مەزكۇر ئورۇنلاردا، يېقىنقى مەزگىللەردە سۈرىيەدىن ئىسرائىلىيەگە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنىڭ پىلانلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق خەۋەر ئاگېنتلىقى – سانانىڭ ئىسىمسىز بىر ھەربىي مەنبەنى تايانچ قىلغان خەۋىرىدە، «سائەت 23 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە گولان ئېگىزلىكلىرى ئارقىلىق دەمەشىق ئايرودۇرۇمىغا قاراپ كەلگەن دۈشمەن نىشانلىرىنى بايقىغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىمىز ھازىرغىچە دۈشمەن ئىسرائىلىيە بومبىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى نىشانغا بارماستىنلا يوقىتىپ تاشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر