تۈركىيە - ئامېرىكا قىسىملىرى ئورتاق چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلىدى

فىراتنىڭ شەرقىدە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش پىلانىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى تەتبىقلاش دائىرىسىدە تۈرك ۋە ئامېرىكىلىق قوماندانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىلدى.

1257966
تۈركىيە - ئامېرىكا قىسىملىرى ئورتاق چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، سۈرىيەدە فىراتنىڭ شەرقىدە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى ئىجرا قىلىشنى باشلاش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، تۈرك ۋە ئامېرىكىلىق قوماندانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىرلىق چارلاش خىزمەتلىرىگە دائىر فوتو – سۈرەتلەرنىمۇ ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر