تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئونلارچە ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىئاررىتز شەھىرىدە چاقىرىلغان 45 – نۆۋەتلىك تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا 68 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1258004
تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئونلارچە ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايرېنېئېس – ئاتلانتىك ۋالىيلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە 68 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ بىراق كىملەرنىڭ قەيەردە ۋە قانداق شارائىت ئاستىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

بۇ جەرياندا يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالاھىدە كۈچەيتىلدى. تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ، 13200 ساقچى ۋە ژاندارما خادىمى بىلەن 450 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

يىغىنغا قارشى پائالىيەتچىلەر بىئارىتز ئەتراپىدا نامايىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە. ساقچىلار، بايوننېدا تۈنۈگۈن خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھەرخىل ماددىلارنى ئاتقان نامايىشچىلارغا گاز ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانىدى.

ئالدىنقى كۈنى، ئۇررۇگنېدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن، ۋەقە جەريانىدا 17 نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە 4 ساقچى يېنىك يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر