مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېڭى بايرىقى قوبۇل قىلىندى

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ كېلەچىكىنى شەكىللەندۈرگەن تارىخىي رېفېراندۇمدىن كېيىن قۇرۇلغان مۇسۇلمان مىنداداۋ باڭسامورو ئاپتونوم رايونىنىڭ رەسمىي بايرىقى رايونلۇق مەجلىسنىڭ تەستىقىدىن ئۆتى.

1257724
مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېڭى بايرىقى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايونلۇق پارلامېنت ئەزالىرىدىن لاناڭ ئەلىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، باڭسامورو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى «مۇسۇلمان مىنداداۋ باڭسامورو ئاپتونوم رايونىنىڭ رەسمىي بايرىقىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى» ناملىق قانۇن تەكلىپىنى رايونلۇق مەجلىسكە سۇنغان. قانۇن تەكلىپى 60 ئورۇندۇقلۇق مەجلىستە 1 گە قارشى 36 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان، 5 پارلامېنت ئەزاسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

لاناڭ ئەلى ئاممىۋى تاراتقۇدا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلىدىغان زېمىندا يېشىل، ئاق ۋە قىزىل قاتارلىق 3 خىل رەڭدىن تەشكىل تاپقان، ئوتتۇرىسىغا سېرىق رەڭلىك ھىلال بىلەن يۇلتۇزنىڭ، ئاستىغا بولسا سولدىن ئوڭغا قىلىچنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بايراقنىڭ فوتو سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر